ئابىدە شىركىتى 8 -مارت خانىم-قىزلار بايرىمىلىق كۆڭۈل ئېچىش پائالىيىتى ئۆتكۈزدى

يوللانغان ۋاقتى: 2018-03-15 تۈرى: شىركەت خەۋەرلىرى
ئابىدە شىركىتى  8 -مارت خانىم-قىزلار بايرىمىلىق  كۆڭۈل ئېچىش پائالىيىتى ئۆتكۈزدى

ئابىدە شىركىتى "مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى بىر ئائىلە كىىشلىرى" 3.8پائالىيىتى ئۆتكۈزدى

 

ئابىدە شىركىتى خانىم –قىزلار بايرىمى پائالىيىتى ئۆتكۈزدى

 8-مارت خەلقئارا خانىم-قىزلار بايرىمى .2018-يىلى 3-ئاينىڭ 8-كۈنى شىنجاڭ ئابىدە بىيو پەن-تېخنىكا تەرەققىيات چەكلىك شىركىتى ۋە يەنئەن شەرقى يولى ئاھالىلەر كومېتىتى بىرلىكتە ئابىدە شىركىتى3-قەۋەت يىغىن زالىدا "مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى بىر ئائىلە كىشىلىرى"باش تېمىسىدا خانىم –قىزلار بايرىمى پائالىيىتى ئۆتكۈزدى .پائالىيەتكە يەنئەن شەرقى يولى ئاھالىلەر كومېتىتى سېكىرتارى ۋېي يۈچېن،يەنئەن شەرقى يولى ئاھالىلەر كومېتىتى خىزمەت گورۇپپىسى باشلىقى شاۋ مىڭجاۋ ،شىركەت رەھبەرلىرىدىن شىركەت ئىجرائىيە لېدىرى گۈلخۇمار مەمەت ،شىركەت پارتىيە ياچېيكىسى سېكىرتارى شۆيۈشېڭ،لېدىر ياردەمچىسى ئابلەت روزى،مالىيە باش نازارەتچىسى ئامانگۈل ئوسمان قاتارلىق رەھبەرلەر ۋە ئاھالىلەر كومېتىتىدىكى خىزمەتچى خادىملار،ئاھالىلىكلەر ،شىركەتتىكى خىزمەتچى خادىملار بولۇپ يۈزگە يېقىن ئادەم قاتناشتى .

 

پائالىيەتكە شىنجاڭ ئابىدە بىيو پەن-تېخنىكا تەرەققىيات چەكلىك شىركىتى ئىتتىپاق باش ياچېيكىسى سېكىرتارى ئايتىللا قۇربان ۋە كارخانا پىلانلاش بۆلۈمى دېرىكتورى يۈسۈپجان ئادىل رىياسەتچىلىك قىلدى .

پائالىيەتنىڭ باشلىنىشىغا  يەنئەن شەرقى يولى ئاھالىلەر كومېتىتى سېكىرتارى ۋېي يۈچېن تەبرىك سۆزى قىلدى .ئۇ سۆزىدە "بۈگۈن شىنجاڭ ئابىدە بىيو پەن-تېخنىكا تەرەققىيات چەكلىك شىركىتى تەۋەلىكىمىزدىكى خانىم-قىزلارنىڭ بايرىمىنى تەبرىكلەش مۇناسىۋىتى بىلەن سورۇن ھازىرلاپ تۇرۇپتۇ .شۇ مۇناسىۋەت بىلەن مەن بۈگۈنكى سورۇنغا كىلەلىگەن ۋە كىلەلمىگەن بارلىق خانىم-قىزلارنىڭ بايرىمىنى تەبرىكلەيمەن .ئائىلەڭلەرگە بەخىت تىنىڭلارنىڭ سالامەت بولۇشىنى تىلەيمەن"دېدى .

يەنئەن شەرقى يولى ئاھالىلەر كومېتىتىدىن رىن يىرۇ ئايال ئىنقىلابى قۇربان لىيۇ خۇلەننىڭ ئىش –ئىزلىرىنى كۆپچىلىك بىلەن بىرگە ياد ئىتىپ ئۆتتى.شىنجاڭ ئابىدە بىيو پەن-تېخنىكا تەرەققىيات چەكلىك شىركىتى پارتىيە ياچېيكىسى سىكىرتارى شۆ يۈشېڭ شىركەت رەھبەرلىكىگە ۋاكالىتەن پائالىيەتكە ئىشتىراك قىلغان بارلىق خانىم قىزلارنىڭ بايرىمىنى تەبرىكلىدى .

پائالىيەت شىنجاڭ ئابىدە بىيو پەن-تېخنىكا تەرەققىيات چەكلىك شىركىتىدىكى ئوغۇللارنىڭ شوخ كۈيلىرى بىلەن ئەۋجىگە چىقتى .شىركەتتىكى ئوغۇللار بارلىق خانىم –قىزلارنىڭ بايرىمىنى تەبرىكلەپ ئۇلارغا قىزىل ئەتىرگۈل سوۋغات قىلدى .شىركەت ئىشچىلار ئويۇشمىسى خانىم-قىزلارغا تەييارلىغان سوۋغىتىنى ھەدىيە قىلدى .پائالىيەتتە كۆپچىلىك بىرلىكتە ئۇسۇل ئويناپ ،ناخشا ئېيتىپ شادلىققا چۆمدى.

 

شىنجاڭ ئابىدە بىيو پەن-تېخنىكا تەرەققىيات چەكلىك شىركىتى كارخانا پىلانلاش بۆلۈمى مەخسۇس خەۋىرى

2018-يىلى 3-ئاينىڭ 9-كۈنى

5