ئابىدە شىركىتى ئىتتىپاق كومتېتى "بىرنى ئۈگىنىپ بىرنى قىلىش " تېمىسىدا يىغىن ئاچتى

يوللانغان ۋاقتى: 2018-01-29 تۈرى: شىركەت خەۋەرلىرى
ئابىدە شىركىتى ئىتتىپاق كومتېتى "بىرنى ئۈگىنىپ بىرنى قىلىش "  تېمىسىدا يىغىن ئاچتى

ئابىدە شىركىتى ئىتتىپاق كومتېتى يىللىق خۇلاسە يىغىنى ئاچتى

  2018-يىلى 1-ئاينىڭ 10-كۈنى چۈشتىن كىيىن شىنجاڭ ئابىدە بىيو پەن-تېخنىكا تەرەققىيات چەكلىك شىركىتى ئىتتىپاق كومتېتىنىڭ "بىرنى ئۈگىنىپ ،بىرنى قىلىش"مەخسۇس تېمىسىدىكى يىغىنى شىركەت يىغىن زالىدا ئېچىلدى .يىغىنغا ئۈرۈمچى شەھەرلىك ئىتتىپاق كومتېتىدىن شۈ چاڭجۈن ،شىنجاڭ ئابىدە بىيو پەن-تېخنىكا تەرەققىيات چەكلىك شىركىتى پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ سىكىرتارى شۆ يۈشېڭ ،لېدىر ياردەمچىسى ئابلەت روزى، شىنجاڭ ئابىدە بىيو پەن-تېخنىكا تەرەققىيات چەكلىك شىركىتى ئىتتىپاق كومتېتىنىڭ سېكىرتارى ئايتىللا قۇربان ،شىنجاڭ ئابىدە بىيو پەن-تېخنىكا تەرەققىيات چەكلىك شىركىتى ئىتتىپاق كومتېتى 1-تارمىقىنىڭ سېكىرتارى ئىليارجان ساۋۇر، شىنجاڭ ئابىدە بىيو پەن-تېخنىكا تەرەققىيات چەكلىك شىركىتى ئىتتىپاق كومتېتى 2-تارمىقىنىڭ سېكىرتارى يۈسۈپجان ئادىل قاتارلىقلار ۋە شىركەتتىكى بارلىق ئىتتىپاق ئەزالىرى تولۇق قاتناشتى .يىغىنغا ئىتتىپاق كومتېتىنىڭ سېكىرتارى ئايتىللا قۇربان رىياسەتچىلىك قىلدى .

يىغىن ھەيۋەتلىك دۆلەت شىئىرى ساداسى ئىچىدە باشلاندى .ئىتتىپاق كومتېتى سېكىرتارى ئايتىللا قۇربان ئابىدە شىركىتى ئىتتىپاق كومتېتىنىڭ 2017-يىللىق خىزمەتلىرىدىن قىسقىچە دوكىلات بەردى ۋە 2018-يىللىق خىزمەت پىلانلىرىنى ئوتتۇرغا قويۇپ ئۆتتى .

ئىككى تارماقنىڭ ئەزالىرى تارماق سېكىرتارلىرىنىڭ يىتەكچىلىكىدە ئىككى يىغىن زالىغا بۆلۈنۈپ ئىتتىپاق كومتېتىنىڭ ئۆتكەن بىر يىللىق خىزمەتلىرىنى خۇلاسىلەش ۋە يېڭى يىللىق پىلانلىرىنى مۇنازىرە قىلدى ۋە ئۆزلىرىنىڭ تەكلىپ –پىكىرلىرىنى ئوتتۇرغا قويدى .

يىغىندا شىركەت پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ سېكىرتارى شۆ يۈشېڭ ئىتتىپاق كومتېتىنىڭ خىزمەت خۇلاسىسى ۋە 2018-يىللىق خىزمەت پىلانىغا قارىتا ئۆزىنىڭ تەكلىپ –پىكىرىنى ئوتتۇرغا قويدى .

شەھەرلىك ئىتتىپاق كومتېتىدىن شۈ چاڭجۈن سۆز قىلىپ :"ئابىدە شىركىتىدە ياشلار كۆپ ،ئىتتىپاق ئەزالىرى تېخىمۇ كۆپ .ئابىدە شىركىتىنىڭ بۈگۈنكىدەك تەرەققىياتلارغا ئېرىشىىشنى شىركەت رەھبەرلىكىنىڭ قوللىشى  ۋە ياشلارنىڭ ئاۋانگارتلىق رولى، يېڭىلىققا ئىنتىلىشچانلىقىدىن ئايرىپ قارىغىلى بولمايدۇ .ئابىدە شىركىتى ئىتتىپاق كومتېتى ياش ئىتتىپاق ئەزالىرىنىڭ ئويۇشۇشچانلىقىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش ئۈچۈن ئۆتكەن بىر يىلدا نۇرغۇن خىزمەتلەرنى ئىشلىدى ،مەسلەن ،جەنۇبى تاغ دالا پائالىيىتى ،19-قۇرۇلتاي روھىنى ئۈگىنىش پائالىيىتى ۋە ئۇنىڭدىن باشقا تەربىيلەش پائالىيەتلىرى دېگەندەك .بۇلارنىڭ ھەممىسى شىركەت رەھبەرلىكىنىڭ ئىتتىپاق كومتېتى خىزمىتىگە يېقىندىن كۆڭۈل بۆلگەنلىكىنىڭ ئىپادىسى .2018-يىلى ئابىدە شىركىتىنىڭ تېخىمۇ ياخشى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشىنى ،بارلىق ئىتتىپاق ئەزالىرىنىڭ  ئاكتىپ ۋە  باشلامچىلىق رولىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇپ ،ئەلا نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشىنى ئۈمىد قىلىمەن "دېدى .

ئاخىرىدا بارلىق ئىتتىپاق ئەزالىرى بىرلىكتە جۇڭگو كومىنىستىك ئىتتىپاقىغا كىرىش قەسىمىنى قايتىدىن ياد ئېلىپ ئۆتتى .يىغىن جەڭگىۋار ئىتتىپاق ناخشىسى ساداسى ئىچىدە ئاخىرلاشتى .

شىنجاڭ ئابىدە بىيو پەن-تېخنىكا تەرەققىيات چەكلىك شىركىتى ئېلان بۆلۈمى مەخسۇس خەۋىرى

3