ئابىدە شىركىتى 9-نۆۋەتلىك شىنجاڭ ئىقتىساد مۇنبىرىگە قاتناشتى

يوللانغان ۋاقتى: 2018-01-29 تۈرى: شىركەت خەۋەرلىرى
ئابىدە شىركىتى 9-نۆۋەتلىك شىنجاڭ ئىقتىساد مۇنبىرىگە قاتناشتى

  2018-يىلى 1-ئاينىڭ 19-كۈنى "يېڭى دەۋر، يېڭى سەپەر ، يېڭى ئىقتىساد ،يېڭى كەلگۈسى " باش تېما قىلىنغان  9-نۆۋەتلىك شىنجاڭ ئىقتىساد مۇنبىرى ئۈرۈمچى شەھىرى يندۇ مىھمانخانىسىدا ئۆتكۈزۈلدى .مۇنبەرگە مەملىكىتىمىزنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن تەكلىپ قىلىنغان مۇتەخەسىسىلەر ،ئاپتونۇم رايونىمىزنىڭ مۇناسىۋەتلىك رەھبەرلىرى ۋە كارخانا ۋەكىللىرى بولۇپ 500گە يېقىن ئادەم قاتناشتى .

ئاپتونۇم رايونلۇق 10-،11-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتېيىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى،پارتىيە گورۇپپىسىنىڭ سېكىرتارى ،ئاپتونۇم رايونلۇق پەن –تېخنىكا جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى جاڭ گولىياڭ ،ئاپتونۇم رايونلۇق ساياھەت ئىدارسىى پارتىيە گورۇپپىسىنىڭ سېكىرتارى ،ئاپتونۇم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ مەسلىھەتچىسى چى چوڭچىڭ قاتارلىق رەھبەرلەر مۇنبەردە تەبرىك سۆزى سۆزلىدى .

 بۇ قېتىملىق مۇنبەرنىڭ ئاساسى تېمىسى جەمئىيەت ھەرقايسى قاتلاملىرىنىڭ ماركا  قارشىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش ،داڭلىق ماركا يارىتىشنىڭ ئەۋزەل مۇھىتىنى بەرپا قىلىش ،ئىستىمالچىلارنىڭ مۇستەقىل بولغان ماركا ھىسى تۇيغۇسىنى شەكىللەندۈرۈش ،ھەرقايسى كەسپى جەمئىيەت ئاپاراتلىرىنىڭ كۆۋرۈكلۈك رولىنى جارى قىلدۇرۇش ،داڭلىق ماركا يارىتىش ۋە سانائەتنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن ئۈنۈملۈك كەسپى مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلەش ،توغرا بولغان جامائەت پىكىرىنى باشلامچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ ،داڭلىق ماركىنىڭ بەرپا بولۇشى ئۈچۈن ئورتاق كۈچ چىقىرىش .

بۇ قېتىملىق مۇنبەرگە شىنجاڭ ئابىدە بىيو پەن-تېخنىكا تەرەققىيات چەكلىك شىركىتى ۋەكىللەر ئۆمىكىدىن  شىركەت باش مۇدىرى نۇرئەخمەت نۇرمەمەت ئەپەندى باشچىلىقىدا ئون نەپەر خادىم بىرلىكتە قاتناشتى .

مۇنبەردە شىنجاڭنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن كەلگەن كارخانا ۋەكىللىرى  مۇتەخەسىسلەر  بىلەن "يېڭى دەۋردە داڭلىق ماركا بەرپا قىلىپ دۆلەتنى قۇدرەت تاپقۇزۇش پىلانى "،"مۇلازىمەت ساھەسىنىڭ يېڭىلىق يارىتىپ تەرەققى قىلىشى "،"سانائەتنىڭ ئۈنۈملۈك  بىرلىشىشى"قاتارلىق تېمىلاردا مۇلاھىزە ۋە سۆھبەت ئېلىپ باردى .

شىنجاڭ ئابىدە بىيو پەن –تېخنىكا تەرەققىيات چەكلىك شىركىتىنڭ داڭلىق مەھسۇلاتى ئابىدە گازلىق سودا سۈيى  بۇ قېتىملىق مۇنبەرنىڭ بىردىنبىر بىكىتىلگەن ئىچىملىكى بولۇپ ،مۇنبەر ئىشتىراكچىلىرىنىڭ يۇقىرى باھاسى ۋە ماختىشىغا سازاۋەر بولدى .

شىنجاڭ ئابىدە بىيو پەن-تېخنىكا تەرەققىيات چەكلىك شىركىتى بۇ قېتىملىق مۇنبەردە "ئىسلاھات ئېچىۋېتىشنىڭ 40يىللىقى ۋە 9-نۆۋەتلىك شىنجاڭ ئىقتىساد مۇنبىرى ئەڭ ياخشى ھەمكارلاشقۇچى ئورۇن"شەرىپىگە ئېرىشتى .شىركەت باش مۇدىرى نۇرئەخمەت نۇرمەمەت ئەپەندى سەھنىگە چىقىپ مۇكاپات بويۇمىنى تاپشۇرۇپ ئالدى ۋە رەھبەرلەر بىلەن خاتىرە سۈرەتكە چۈشتى .

شىنجاڭ ئابىدە بىيو پەن –تېخنىكا تەرەققىيات چەكلىك شىركىتى بۇنىڭدىن كىيىنكى تەرەققىيات باسقۇچىدا ماركا ئوبرازى،كارخانا مەدەنىيىتى ،قوشۇن قۇرلۇشى ۋە ئەلا مۇلازىمەتنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇپ ،دىيارىمىزنىڭ يۈز يىللىق ماركىسىنى يارىتىش ئۈچۈن داۋاملىق تىرىشىدۇ .

شىنجاڭ ئابىدە بىيو پەن –تېخنىكا تەرەققىيات چەكلىك شىركىتى ئېلان بۆلۈمى مەخسۇس خەۋىرى

 

12